Uyghur主要词典
مۇسكۇل سىڭىرى
بىئولوگىيە
زىچ جايلاشقان ئاق تالا توقۇلمىلىرىدىن شەكىللەنگەن. دەستىسىمان ياكى پەردىسىمان تۈزۈلۈش بولۇپ، مۇسكۇل تالاسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا تۇتاشقان. تۇتاشقان ئورۇننىڭ كۆپىنچىسى مۇسكۇلنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدىن ئىبارەت. مۇسكۇل سىڭىرى شۇ جاي ئارقىلىق سۆڭەك ياكى باشقا تۈزۈلۈشلەرگە يېپىشىدۇ. تۆت پۇتنىڭ مۇسكۇل سىڭىرلىرى دەستىسىمان بولىدۇ، مۇسكۇل قىسقارغاندا ئۇنىڭ تارتىشىش كۈچى سىڭىر ئارقىلىق سۆڭەككە تەسىر كۆرسىتىپ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. قورساق دىۋارىنىڭ مۇسكۇل سىڭىرى پەردىسىمان (سىڭىر پەردە دېيىلىدۇ) بولۇپ، تالالىرىنىڭ تىزىلىشى ناھايىتى تەرتىپسىز بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇل سىڭىرى پاقالچاقنىڭ ئارقا تەرەپ تۆۋەنكى ئۇچىدىكى ئۆكچە سىڭىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆكچە سۆڭەككە يېپىشىپ تۇرىدۇ، چامداش، مېڭىش قاتارلىقلارغا بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور. بېغىش، ئوشۇق قىسىملىرىدىكى مۇسكۇل سىڭىرى سىڭىر غىلىپىغا ئورالغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى سىلىقلاش سۇيۇقلۇقى مۇسكۇل قىسقارغان چاغدا سۈركىلىشنى كېمەيتىدۇ. مۇسكۇل سىڭىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پاراللېل تىزىلغان كوللاگېن تالا دەستىسىدىن ئىبارەت. دەستە ئارىلىقىدا پەقەت ئاز مىقداردىكى ستروما (ئاساسىي ماددا) بولۇپ، سىڭىر شىلىمشىق ماددىسى دېيىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېتىلگەن تالا ھۈجەيرىلىرى سىڭىر ھۈجەيرىسى دېيىلىدۇ.