Uyghur主要词典
مۇقەددەس خالىس ھەرىكەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
19 - ئەسىردىكى ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى بېنگاللىق شەرىئەت ئەللاھ (1764 - 1840) قوزغىدى. باشتا ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جاھالەت كۈچلىرىگە ۋە چاكىنا دىنىي قائىدە - يوسۇنلارغا قارشى تۇرۇپ، جەم بولۇپ ناماز ئوقۇشنى ۋە ئىككى ھېيتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. شەرىئەت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۇدۇ مىيان (1819 - 1860) دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە ۋە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىىدىغان فېئودال پومېشچىكلارنىڭ نامرات مۇسۇلمانلارنى قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك مۇقەددەس خالىس تەشكىلاتلارنى قۇردى. ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، نامراتلارنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى؛ يەر ئاللاغا مەنسۇپ بولۇپ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىش ھەققى يوقلۇقىنى؛ بېنگالنى بىر نەچچە رايونغا ئايرىپ، ھەر بىر رايونغا بىردىن خەلىپىنى باج يىغىشقا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلارنى دېھقانلار ۋە كاسىپلار ھىمايە قىلدى، پومېشچىكلار سىنىپى ئۇلارغا قارشى تۇردى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن فېئودال كۈچلەر بىرلىشىپ باستۇرۇۋەتتى