Uyghur主要词典
مۇقەددەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پاك، تازا؛ ئەيىب ۋە نۇقساندىن خالىي؛
ئەي مۇقەددەس رۇھ يارىم، مەن ساڭا گۇفتار ئېتەي،
بۇ نىھان سىررىمنى ئالەم خەلقىغە ئىزھار ئېتەي.
بىلال نازىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تازا، پاك، ھۆرمەتلىك، مۇبارەك، قۇتلۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالىي ۋە ئۇلۇغ، ئىززەتلىك ۋە قىممەتلىك.
<مۇقەددەس> ئەڭ ئالىي ۋە ئۇلۇغ نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<مۇبارەك> تەبرىكلەشكە ئەرزىيىدىغان نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<تەۋەررۇك> قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىگە قارىتىلىدۇ.
<قۇتلۇق> بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىگە قارىتىلى
مىللىتىمىزنى سۆيۈش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز. باي كىيسە <مۇبارەك>، گاداي كىيسە <نەدىن ئالدىڭ>. ئاتا - بوۋىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەررۇكلىرىنى ياخشى ئاسىرايلى. بېرىدىغان قول ئالىدىغان قولدىن قۇتلۇق. ئەزىز ۋەتىنىمىزنى قوغدايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئەزىز، ئۇلۇغ، تەڭداشسىز.
مۇقەددەس جاي. مۇقەددەس كىتاب.
سۈپ. ئالىيجاناب، سۆيۈملۈك، بىباھا، شەرەپلىك.
تۇغۇلدۇم دۇنياغا ئۆلمىسەم دەيمەن، ئۆلسەممۇ ئارماندا كەتمىسەم دەيمەن. مۇقەددەس ئەل ئىشى بولسا كەڭ ئاسمان، كۆكسىدە يۇلتۇزدەك ئۆچمىسەم دەيمەن.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مۇقەددەسخان
ئۇلۇغ