Uyghur主要词典
مۇنقەتىئ ھەدىس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى ئىسنادى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەدىس دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىسلەرنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىسنادى ئۈزۈلۈپ قالغان، مۇكەممەل بولمىغان ھەدىسلەر، بولۇپمۇ رىۋايەت قىلغان تابىئىنلار بولمىغان (ئەمەلىيەتتە بىر ئادەم رىۋايەت قىلغان) ھەدىسلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى ئۈستىدە تالاش - تارتىش مەۋجۇت. ئەبۇ ھەنىفە ۋە مالىك بىننى ئەنەس بۇنداق ھەدىسلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيىدە بولدى. كېيىنكى ئۆلىمالار ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، ئېھتىياتچان بولۇش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن بەزى مۇھەددىسلەر بىر كىشى رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولسىمۇ قىياس ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارىدى. جۈملىدىن ئىسنادى مۇكەممەل بولمىغان ياكى رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتى ئۈستىدە تالاش - تارتىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئىشەنچىسىز بولمىغان ھەدىسلەر <ياخشى ھەدىسلەر> دەپ ئاتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى چىن ھەدىسلەردىن كېيىن تۇرسىمۇ، لېكىن بىر كىشى رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىن ئۈستۈن تۇردى. ئىسنادنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ، ھەدىسلەر يەنە نۇرغۇن ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىلدى