领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىدىكى پەرىشتىنىڭ ئىسمى بولۇپ، نەكىر بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدۇ، قەبرىدە مىيىتنىڭ ئېتىقادىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. مۇنكىر - نەكىر كۆك كۆزلۈك، قارا تەنلىك پەرىشتىلەردۇر، «قۇرئان كەرىم» دە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىدە سوراققا تارتىدىغانلىقتىن بېشارەت بېرىلگەن. تەپسىر قىلىنىشىچە، مىيىت يەرلىككە قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى پەرىشتە كىرىپ : رەببىڭ كىم ؟ دەپ سورايدۇ. ئاندىن ئىمانسىزلارنى ۋە ئىمانى بولسىمۇ گۇناھ سادىر قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدۇ. ئىمانلىق بولۇپ ئىتائەت قىلغۇچىلارغا شەپقەت قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يېزت. ئىنكار قىلغۇچى، رەت قىلغۇچى؛ قارشىلىق قىلغۇچى.
بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا،كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن، قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.