Uyghur主要词典
مۇھىت ئىلمى
بىئولوگىيە
ئىنسانلار مۇھىتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنى قوغداش ھەمدە ياخشىلاشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، يەنى ئىنسانلار بىلەن ئۇلار ياشايدىغان مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىك قانۇنىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنسانلار ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدىغان مۇھىتنى، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ھازىر مۇھىت ئىلمى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆپ تەرەپلەرگە باغلىنىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇلغاندا، چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. 1. مۇھىت سۈپىتى ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتى، 2. مۇھىت سۈپىتىنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش تەتقىقاتى، 3. مۇھىتنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى. بۇ ئۈچى تەدرىجىي ھالدا مۇھىت ئىلىمىنىڭ مەخسۇس پەنلىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. يەنى مۇھىت سۈپەتشۇناسلىقى، مۇھىت كونترول قىلىش ئىلمى ياكى مۇھىت تېخنولوگىيىسى، كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئانالىز قىلىش ئىلمى قاتارلىقلار.