Uyghur主要词典
مۇھەممەد ئابدۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1849 - 1905) مىسىرنىڭ ئىسلام ئىسلاھاتچىسى. مىسىردا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەنئەنىۋى دىنىي تەربىيە ئالغان. 1866 - يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇدى. جامالىددىن ئافغانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. 1882 - يىلى ئەرەبى پاشا رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭغا قاتناشتى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈرىيىگە سۈرگەن قىلىندى. بۇ جەرياندا فىقھە ۋە پەلسەپە توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. 1884 - يىلى پارىژغا بېرىپ، جامالىددىن ئافغانى بىەلن <ئەل ئۇرۇۋەتۇل ۋۇسقا> جەمئىيىتى قۇرۇپ، <ئەل ئۇرۇۋەتۇل ۋۇسقا> ناملىق ژۇرنال چىقاردى. 1885 - يىلىنىڭ باشلىرى بېيروتقا بېرىپ، تەلىم - تەربىيە بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە ئىسلام دىنىنى ۋە ئەرەبچىنى تەتقىق قىلدى. 1888 - يىلى مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولدى. 1899 - يىلى مىسىردا شەرىئەت كىتابلىرىنى يەشكۈچى مۇفەسسىرلىككە تەيىنلەندى. مۇھەممەد ئابدۇ جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە قارشى كۈرەش قىلدى. ھاياتىدا دىنىي ئىسلاھاتقا كۈچ چىقاردى. ئۇ مىسىردىكى ئىسلام مۇدېرنىزمىنىڭ پېشىۋاسى، دەپ ھۆرمەتلەندى. مۇھەممەد ئابدۇ <ئەھەد توغرىسىدا>، <مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى>، <ئىسلام ئېتىقادى>، <ئەسلىمىلەر> ناملىق ئەسەرلەرنى يازدى.