Uyghur主要词典
مۇھەممەد
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1430 - 1481) تۈركىيە سۇلتانى (1451 - 1481). تەخەللۇسى <ئىستىلاچى>. مۇرات Ⅱ نىڭ ئوغلى، تەختتە ئولتۇرغان مەزىلدە، 1453-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، پايتەختنى ئەدىرنەدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، نامىنى ئىستانبول دەپ ئۆزگەرتىۋالغان. كېيىن مورېئا (يەنى پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى)، سېربىيە، بوسىنىيە، ئالبانىيە ۋە گېرتىسېگوۋىنا قاتارلىق جايلارنى كەينى - كەينىدىن بويسۇندۇرغان. كىچىك ئاسىيادا، 1461 - ۋە 1471-يىللاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ترېبزون ئىمپېرىيىسى ۋە كارامان دۆلىتىنى يوقاتقان. شەرقىي چېگرىسىنى ئېفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتكەن. 1463 - 1679-يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق ۋېنېتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ ۋېنېتسىيىگە قاراشلىق ئاراللىرىنى ئالغان. 1473-يىلى ئەرزىنجان (تۈركىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دە ۋېنېتسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئاق قويلو خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇزۇن ھاساننى مەغلۇپ قىلغان.1475-يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى مۇھىم سودا شەھىرى كافا (بۈگۈنكى فېئودوسىيە) نى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە قىرىم خانلىقىنى بويسۇندۇرغان. 1480-يىلى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تارانتونى ئىشغال قىلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭھەقىقىي قۇرغۇچىسى دەپ تۇغۇلغان.
دۇنيا تارىخى
(1785 - 1839) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1808 - 1839). سېلىم Ⅲ نىڭ نەۋرە ئۇكىسى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان؛ يېڭى دائىملىق ئارمىيە قۇرغان، گۋاردىيىنى تارقىتىۋەتكەن (1826)؛ ھەربىي سۇيۇرغاللىق تۈزۈمنى بىكارق ىلىپ، يېڭى ئۆلكە - رايون تۈزۈمنى يولغا قويغان (1834)؛ ھۆكۈمەتتە ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، جايلاردىكى باش ۋالىيلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن ھەمدە مەدنەىيەت، مائارىپ جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئاناتولىيە قاتارلىق جايلاردىكى فېئودال بۆلەۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زور كۈچ بىلەن قارشى تۇرغ ان؛ بالقان رايونىدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى دەھشەتلىك باستۇرغان.
دۇنيا تارىخى
(1909 - 1961) ماراكەشنىڭ سۇلتانى (1927 - 1953)، پادىشاھى (1957 - 1961)، 1927-يىلى ئاتىسى مۇلاي يوسۇپنىڭ ئورنىدا سۇلتان بولۇپ، سەيىدى مۇھەممەد Ⅲ دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ماراكەش خەلقىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ، <فېس شەرتنامىسى> گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1953-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكارق ىلىنغان. ئىكىنچى يىلى كورىسكىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن يەنە ماداغاسقارغا سۈرگۈن قىلىنغان. فرانسىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەشنىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، فرانسىيىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن 1955-يىلى 11-ئايدا تەختى ئەسلىگە كەلگەن. 1956-يىلى فرانسىيە بىلەن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، <فېس شەرتنامىسى> نى بىكار قىلغان، فرانسىيە ماراكەشنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1957-يىلى 8-ئايدا دۆلەت نامىنى ماراكەش پادىشاھلىقى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى مۇھەممەد Ⅴ دەپ ئاتىغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسپانىيىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى جەنۇبىي <ھامىيلىق يەر> ۋە خەلقئارا ئورتاق باشقۇرغان رايون - تانگېرنى قايتۇرۇۋالغان.
دۇنيا تارىخى
(1861 - 1926) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى (1918 - 1922) ئابدۇل ھەمىد Ⅱ نىڭ ئىنىسى. 1918-يىلى 10-ئايدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋەتكەن. 1920-يىلى 8-ئايدا ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن <سېفولې شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، تۈركىيە بۆلۈۋېلىنغان. 1922-يىلى 11-ئايدا تۈركىيە مىللىي پارلامېنتى سۇلتانلىرى تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەنگلاىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى بىلەن مالتا ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن. شۇ ئايدا نامى بىكارق ىلىنىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مۇھەممەد، مەھەممەد، مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەخەم، مەھەم
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: دائىم مەدھىيلەنگۈچى، مەدھىيە ئوقۇلغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ماختاشقا، ئالقىشلارغا سازاۋەر. مۇھەممەد پەيغەمبەر