Uyghur主要词典
مۇھەممەد سالىھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
1939 - يىلى ئاتۇشتىكى تونۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرەب، پارس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدە <فازىل> دەرىجىسىگە يەتكەن كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. مۇھەممەد سالىھ باشلانغۇچ دىنىي تەلىمىنى ئائىلىسىدە دادىسىدىن ئالغان. 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن.
دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى ئىلىملىرىدىن ئۆزىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ 1956 - يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا بەش يىل ئوقۇغان. ئەينى چاغدا مىسىردىن ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان بەھييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسولارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە تەفسىر، ھەدىس، فىقىھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەن. 1960 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇى قۇرۇلغاندا مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2001 - يىلى، ئىككىنچى سەپكە چېكىنىپ پۈتۈنلەي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
مۇھەممەد سالىھنىڭ ھاياتى كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئىلمىي نەتىجىلەر بىلەن تولغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئىلمىي مۇۋەپپەقىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىققانلىقى، بۇ تەرجىمە نەشر قىلىنىش ئالدىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئۆلىمانىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغاندا، يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن 1998 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ تەرجىمە نۇسخا ناھايىتى يۇقىرى نوپۇز قازانغاچقا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى فەھىدنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمىر قىلىشى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە يۈز مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بېسىلىپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە ھەقسىز تارقىتىلغان.
مۇھەممەد سالىھ يەنە <سەھىھۇل بۇخارى>، <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى> ناملىق ئىككى كىتابنى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى.
<قۇرئان كەرىم> نىڭ 29 - ۋە 30 - پارىلىرىنىڭ تەقسىرى، <قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما>، <دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار>، ئوتتۇرا ھەجىملىك <ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن ئون نەچچە پارچىنى يېزىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇردى.
مۇھەممەد سالىھنىڭ 20 يىللىق ئەجرىنىڭ مېۋىسى بولغان ئۇلۇغ ئەمگىكى - ئىككى توملۇق <ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت> نىڭ بىرىنچى تومى 2002 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
ئۇ ھاياتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت كلاسسىك ئەسەرلەردىن ئون نەچچە پارچىنى تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇھەممەد سالىھ 1961 - يىلدىن باشلاپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە <دىۋان لۇغەتىت تۈرك> نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ تۆت يىل ئىشلەپ تاماملاپ نەشرگە سۇنۇش ئالدىدا <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> باشلىنىپ كېتىپ، قالايمىقانچىلىقتا يوقىلىپ كەتكەن.
مۇھەممەد سالىھ ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى زور نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگو مىقياسىدا تونۇلۇپلا قالماي، ئىسلام دۇنياسىدىمۇ مۇئەييەن تەسىر ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولدى.