Uyghur主要词典
مۇھەممەد رەشىد رىزا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1865 - 1935) سۈرىيىلىك دىنىي ئۆلىما، ئىسلام دىنىنىڭ مۇدېرنىزمچى مۇتەپەككۇرى. ترىپولىدا (ھازىرقى لىۋاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە دىنىي تەربىيە ئالدى. كېيىن ترىپولدا ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپكە كىرىپ ھازىرقى زامان پەنلىرىنى ئۇقۇدى. ئىسلام ئىسلاھاتچىسى ھۈسەين جەسىر ئاچقان دىنىي مەكتەپكە يۆتكىلىپ، ئىلمىي تەۋھىد ۋە ئەرەب تىلى ئوقۇدى. 1894 - يىلى مۇھەممەد ئابدۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىسلام مۇدېرنىزم ھەرىكىتىگە بېرىلدى. 1897 - يىلى مىسىرغا باردى. 1989 - يىلى <ماياك> ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، مۇھەممەد ئابدۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلدى. ئەرەب دۇنياسىدا كەڭ دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئەقىدىنى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خارابلىشىشىنىڭ يىلتىزى ئۇزۇن مۇددەت ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي ئەقىدىسىگە سەل قارىغانلىقتا ۋە ئەقىدىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتە، ئىسلام مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يولى ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىكى روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشتا، دەپ قارىدى ھەمدە ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقىتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش كېرەك؛ ئەرەب مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنى پائال قوللاش لازىم. لېكىن مىللەتتىن، دۆلەتتىن ھالقىغان مۇسۇلمانلار ئۈممەسى ئىسلام دىنىنىڭ ئالىي غايىسى بولىدۇ، دەپ قارىدى. 1924 - يىلى تۈركىيىدە خەلىپە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدا خەلىپە ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى پائال تەرغىپ قىلدى ھەمدە 1926 - يىلى مەككىدە، 1931 - يىلى ئېرۇسالىمدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. مۇھەممەد رەشىد رىزا <خەلىپە تۈزۈمى ۋە ھەممىدىن ئالىي ئىمام تۈزۈمى توغرىسىدا>، <ماياك ۋە ئەزھەر>، <مۇھەممەد ئابدۇنىڭ تەرجىمىھالى>، <مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازدى.