Uyghur主要词典
مۈڭۈز
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مۈڭۈز ~ مۈڭگۈز.
ھەممە ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى.
3 - 497
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مۈڭۈز مۈڭۈز _ مۈڭگۈز - مۈڭگۈز. بىر خىل بالىلار ئويۇنى. بۇ بۇنداق بولىدۇ: بالىلار دەريا بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرىدۇ،پۇتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ھۆل قۇم بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن قوللىرى بىلەن قۇمنى شاپىلاقلايدۇ. ئۇلاردىن بىرى: « مۈڭۈز مۈڭۈز _ مۈڭگۈز - مۈڭگۈز» دەيدۇ. باشقىلىرى: « نە مۈڭۈز _ نېمە مۈڭگۈز؟» دەپ سورايدۇ. بىرسى ئارقا - ئارقىدىن مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنى ساناپ كېتىدۇ. قالغانلارمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلايدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ھايۋانلارنىڭ نامى ئارىسىغا تۆگە، ئېشەك قاتارلىق مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ قويىدۇ. بىرەر بالا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۈڭگۈزسىز ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قويسا، ئۇنى سۇغا ئىتتىرىۋېتىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: سۈسەگەن ئۇزقا تەڭرى مۈڭۈز بېرمەس _ ئۇسكە ئۇيغا تەڭرى مۈڭگۈز بەرمەس. بۇ ماقال كىشىلەرگە زەرەر يەتكۈزىدىغان بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسىمۇ، قىلالمىغان كىشىلەرگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 497