Uyghur主要词典
مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئېپىدېرمىسىنىڭ ئەڭ سىرتقى بىر قەۋىتى. كۆپ قەۋەتلىك مۈڭگۈز ماددىلاشقان ياپىلاق ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئورگانىزمنى قوغداش ھەم بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ قېلىنلىقى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ھەر بىر ئىندىۋىدنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپمۇ پەرقلىنىدۇ. بۇ قەۋەت ئۈزلۈكسىز ئاجراپ چۈشۈپ تۇرىدۇ ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قېلىنلىقىدا روشەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ. يىلان قاتارلىقلارغا ئوخشاش بەزى ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتى بولسا، تېرە تاشلاش ئارقىلىق قەرەللىك ھالدا تاشلىنىپ تۇرىدۇ. قۇشلار ۋە سۈت ئېمىتكۈچىلەردە يىلانلارغا ئوخشاش تېرە تاشلاش ھادىسىسى بولمايدۇ. مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتى پەقەت دائىملىق بىلىنەر - بىلىنمەس دەرىجىدىكى تۆكۈلۈش ئارقىلىق چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان تېرە كېپىكى دەل مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت ئۆلۈك تەنچىسىنىڭ پارچە - پۇرات ئۇۋاقلىرىدىن ئىبارەت.