Uyghur主要词典
مىتىرىدات
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 138) ئاساسېس Ⅵ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارساك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 171 - 130). تەختىتكى مەزگىلىدە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. مىدىيىنى بويسۇندۇرۇپ (مىلادىدىن 155 يىل ئىلگىرى)، سېلىۋىكىيىگە ھۇجۇم قىلغان (مىلادىدىن 141 يىل ئىلگىرى)، سېلىۋىك پادىشاھلىقىنىڭ تەسىرىنى مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان. شەرقتە باكتېرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مارگانانى بېسىۋالغان ھەمدە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغىچە يېتىپ بارغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى، ئارساك پادىشاھلىقىنىڭ روناق تاپقان مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.