Uyghur主要词典
مىتە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىم - كېچەك، رەختكە، گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىققا ئىسسىقتىن چۈشىدىغان ئۇششاق قۇرت.
نادان ئادەم كۈيىدىنمۇ يامان. كۈيە كىيىمنى، مىتە ئاشلىقنى كاردىن چىقىرار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل ھاشارات. يېتىلگىنىنىڭ تېنى قىزغۇچ قوڭۇر، بېشىنىڭ شەكلى پىل تومشۇقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. قالقان رەڭلىك يۇمىلاق سەپكۈنى بولىدۇ. يېتىلگىنى بىلەن لىچىنكىسىنىڭ ھەممىسى شال، بۇغداي قاتارلىق زىرائەت دانلىرىنى يەيدۇ. ئۇ ئاشلىق ئامبارلىرىدىكى ئاساسىي زىيانداشنىڭ بىرىدۇر.