Uyghur主要词典
مېتابولىزم فىزىئولوگىيىسى
领域: بىئولوگىيەجانلىقلار تېنىدىكى ھەر خىل مېتابولىزم جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ھەر خىل ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشى، ئارىلىق مېتابولىزمنىڭ جەريانى، ئايلاندۇرۇش، تەڭشەش، كونترول قىلىش، فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيلەرنىڭ باغلىنىشى، ماددا مېتابولىزمى جەريانى بىلەن ئورگانلارنىڭ دىففېرېنسىيلىنىشى، مورفولوگىيىلىك شەكىل قۇرۇلۇشىنىڭ باغلىنشى ماددا مېتابولىزمى بىلەن قايتىشقا قارشى تۇرۇشچانلىق ۋە ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىئوخىمىيە بىلەن ئېنزم خىمىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى تېخنىكا (مەسىلەن، رادىئاتسىيىلىك ئىزوتوپ، ھەر خىل قەۋەتلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى، پەرق كۆرسەتكۈچى يۇقىرى سۈرئەتلىك سېنترالفۇگ، قوش نۇر دەستىلىك سىپىكترومېتر قاتارلىقلار) نىڭ قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، مېتابولىزم فىزىئولوگىيىسىنىڭ تەتقىقاتى كۈندىن - كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。