Uyghur主要词典
مېتابولىزم
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ھەرقانداق بىر تىرىك جانلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوزۇقلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېنېرگىيە توپلايدۇ؛ شۇنداقلا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چىقىرىۋېتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىدۇ. جانلىقلارنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن ئۈزلۈكسىز ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالماشتۇرىدىغان بۇ خىل جەريانى مېتابولىزم دېيىلىدۇ. مېتابولىزم ھاياتلىق ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ھەم قارىمۇقارشى، ھەم بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان ئىككى جەريان، يەنى ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى بىلەن دىسسىمىلياتسىيە جەريانىدىن تەركىب تاپقان.
ئادەم ۋە ھايۋانلار تاشقى مۇھىتتىكى ماددا (يېمەكلىك)نى يېگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئارقىلىق پايدىلىنىشقا بولىدىغان ماددىلارنى ئۆزگەرتىپ ئۆز تېنىدىكى ماددا قىلىپ سىنتېزلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يېمەكلىكلەر ئۆزگىرىش جەريانىدا قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ، مانا بۇ ئاسسىمىلياتسىيە دېيىلىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز رولىدىن پايدىلىنىپ سىرتقى مۇھىتتىكى سۇ ۋە كاربۇن (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ كراخمال ۋە سېللۇلوزا قاتارلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ، شۇنىڭدەك ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ، بۇمۇ ئاسسىمىلياتسىيە دېيىلىدۇ. دىسسىمىلياتسىيىدە بولسا ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جانلىقلار ئۆز تېنىدىكى ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز پارچىلاپ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك زاپاس ساقلانغان ئېنېرگىيىنى قويۇپ بېرىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كېرەكسىز ۋە پايدىلىنىشقا بولمايدىغان ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.
ھەر خىل جانلىقلارنىڭ مېتابولىزمى ئۆسۈش، يېتىلىش ۋە قېرىش باسقۇچىدا ئوخشاش بولمايدۇ. بوۋاقلار، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بوي تارتىش جەريانىدا، ئۆز ئورگانىزملىرىنى تېخىمۇ كۆپ ماددىلار بىلەن تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە مېتابولىزمى ئەۋج ئېلىپ، ئاسسىمىلياتسىيىسى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ياشىنىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن دىسسىمىلياتسىيىنىڭ قايسىسىنىڭ ئاساس بولۇش مۇناسىۋىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ.
ھايۋانلار قىشلىق ئۇيقۇ (ئۈچەككە كىرىش) ۋاقتىدا يېمىسىمۇ ۋە ئىچمىسىمۇ مېتابولىزمى توختاپ قالمايدۇ، بىراق ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ.
مېتابولىزم جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش جەريانى بولۇپ، مېتابولىزم توختىسا، ھاياتلىقمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
بىئولوگىيە
جانلىقلار تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، كۆپىيىش، ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار ھاياتلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدىكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىشننڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆز - ئارا قارىمۇ قارشى ھەمدە بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان، بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى جەرياندىن تۈزۈلىدۇ. جانلىقلار تېنىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنى ئۆز تەركىبىنى تۈزگۈچى مادددىغا ئايلاندۇرۇپ ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدىغان جەريان ئاسسىمىلىياتسىيە (بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆز تېىنىنى تۈزگۈچى ماددىلارنى پارچىلاپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ھەر خىل ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان، ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتنى تەن سىرتىغا چىقىرىدىغان جەريان دىسسىمىلىياتسىيە (پارچىلاش مېتابولىزمى) دەپ ئاتىلىدۇ. جانلىقلار تېنى مېتابولىزم ئارقىلىق مۇھىت بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە، ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتى ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ، ئۇ جانلىقلار تېنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ بارىدۇ. مېتابولىزم ئېنزىم كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان مۇرەككەپ بولغان ئارىلىق جەريان. مەسىلەن، گلۇكوزىنىڭ جانلىقلار تېنى ئىچىدە ئوكسىدلىنىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇغا ئايلىنىشى نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ، بۇ جەريانلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئارىلىق مېتابولىزمى دەپ ئاتىلىدۇ. مېتابولىزمن قالايمىقانلاشسا ھەر خىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، توختىسا ھايات توختايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە؛گرېكچە
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ماددىلارنى ئۆزلۈكسىز قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى تېنىنىڭ ماددىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، تېنىدە ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى تەن سىرتىغا چىقىرىش جەريانى.