Uyghur主要词典
موزارت
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور موزارت (1756 −1791 ) مۇزىكا تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان تالانت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇزىكانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى تەجرىبىلىك ئىسكىرىپكىچى ئىدى. موزارت ئۈچ يېشىدىن باشلاپ پىئانىنو ئۆگەنگەن، تۆت يېشىدا ئاددىي ئاھاڭلارنى بىرنەچچە قېتىم چېلىپلا يادقا ئېلىۋالىدىغان بولغان، ئالتە يېشىدا ھەدىسى بىلەن بىللە دادىسىغا ئەگىشىپ ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان ھەمدە »خىسلەتلىك مۇزىكانت بالا« دېگەن پەخىرلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان.
بالدۇر پىشىپ يېتىلگەن بۇ تالانت ئىگىسى گەرچە بايلارنىڭ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ياقتۇرۇشلىرى، ماختاشلىرىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى ئۇنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى يەتكۈچە كەمسىتكەن، ھاقارەتلىگەن. موزارت جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارقىمۇئارقا زەربىگە ئۇچرىغان، ناھايەت ئۇ ئوردىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، قۇلغا ئوخشاش ھاياتتىن قۇتۇلغان ھەمدە ئاۋسترىيىدە ئاقسۆڭەكلەرگە بېقىنمايدىغان تۇنجى ئەركىن كومپوزىتورلۇق سالاھىيىتىنى جاسارەت ۋە جۈرئەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەن.
موزارتنىڭ ئەسەرلىرى نەپىس، يېڭىچە، شاد - خۇرام ۋە لىرىك ئۇسلۇبتا يېزىلغان. مېلودىيىسى ساددا، سەمىمىي، مۇلايىم، شېرىن ھەمدە ياشلىق باھارىنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ئاران36 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ۋاپات بولغاندىن كېيىن موناستىردىكى نامراتلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. قەبرىسىگە ئابىدە تاشمۇ قويۇلمىغان. لېكىن، ئۇ مۇشۇ دۇنياغا50 كە يېقىن سىمفونىيە،22 ئوپېرا،50 پارچە تۈرلۈك شەكىلدىكى كونسېرت ھەمدە نۇرغۇن خانا مۇزىكىلىرى، يالغۇز ناخشا، خور قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. جۈملىدىن، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلىگەن.1986 - يىلى سەككىز تۈرلۈك ئوسكار ئالتۇن مۇكاپاتىغا بىراقلا ئېرىشكەن ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى »تەڭرىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى« موزارتنىڭ ھاياتىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن.
دۇنيا تارىخى
(1756 - 1791) ئاۋسترىيىلىك كومپزىتور، ۋېنا كلاسسىك مۇزىكا ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك ئەربابلىرىدىن بىرى. كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىدىن رويال، ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن ھەمدە مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. 1763-يىلى 6-ئايدا دادىسى ۋە ھامماچىسى بىلەن بىللە ياۋروپادىكى مەملىكەتلەرنى ساياھەت قىلىپ ئويۇن قويغان. كېيىن يۇرتى سالزبۇرگقا قايتقان. 1769 - 1772-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئىتالىيىگە بېرىپ ئۆگەنگەن ۋە ئويۇن قويغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، سالزبۇرگ ئارخىئېپسكوپنىڭ ئوردىسىدا مۇزىكانت بولغان ھەمدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1777-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن، 1779-يىلى يەنە ئوردا ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئورگانچىسى بولغان. ئېپسكوپ بىلەن پىكىردە كېلىشەلمىگەنلىكتىن، 1781-يىلى خىزمىتىنى تاشلاپ ۋېناغا كەتكەن. 1787-يىلى ئاۋسترىيە كورۇل ئوردىسىدا كومپوزىتور بولغان. كېيىن بېرلىن، لېيپسىگ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <فېگارونىڭ تويى>، <دونخۇن>، <سىرلىق نەي> قاتارلىقلار بار.