Uyghur主要词典
موزايبېشى
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپى، تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى، گرىللوتالپا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تىپىك توپىدا ياشايدىغان ھاشارات. بەدىنى چوڭ، قارا ياكى قوڭۇر رەڭلىك. قىسقا ھەم ئىنچىكە تۈك بىلەن قاپلانغان، ئالدىنقى قانىتى قىسقا، كېيىنكى قانىتى كەڭ، ئىشلەتمىگەندە ئۇزۇنىغا يۆگىلىپ، قۇيرۇقسىمان ھالەتكە كېلىپ قۇرسىقىنىڭ ئاخىرىقى ئۇچىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى پۇتى ئۆزگىرىپ توپا كولاشقا ماسلاشقان ھەمدە ئۆسۈملۈك ئىنچىكە يىلتىزلىرىنى قىرقىۋېتەلەيدۇ. تۇخۇم سېلىش ئاپپاراتى بولمايدۇ، قۇيرۇق بۇرۇتچىسى ناھايىتى ئۇزۇن، لېكىن بوغۇملانمىغان. ھالەت ئۆزگەرتىشى تولۇقسىز، ھايات تارىخى ئۇزۇن، 2 - 3 يىلدا بىر ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. يېتىلگەن قۇرت ۋە نىمفالىرى يەر ئاستىدا قىشلايدۇ. ئادەتتە يەر ئاستىدا ياشايدۇ، كېچىسى ياكى سەھەردە يەر پوستىدا (ئۈستىدە) ھەرىكەتلىنىپ تېرىلغان ئۇرۇق ھەم يۇمران مايسىلارنى يەپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز مايسىسى، كۆكتاك قاتارلىقلارغا زىيان سالىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو رايونىدا زىرائەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ئافرىقا موزايبېشى (G.africana). شىمالىي جۇڭگو موزابېشى (G.unispina) ۋە تەيۋەن موزايبېشى (G.formosana) قاتارلىقلار بار.