Chinese→Uyghur主要词典
摩勒
دۇنيا تارىخى
موللېت
(1905 - 1975) فرانسىيە زۇڭلىسى (1956 - 1957). سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. دەسلەپتە ئالاس شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1923-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1939-يىلى <سوتسىيالىزمچى ئوقۇتقۇچىلار ئىتتىپاقى> نىڭ باش سۋكرىتارى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1944-يىلى دېڭىز بوغۇزى ئۆلكىلىك ئازادلىق كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1945-يىلى فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن ئالاھ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1946 - 1969-يىللىرى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1969-يىللىرى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1946 - 1947، 1950 - 1951)، مۇئاۋىن زۇڭلى (1951) بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلىدە ئەنگلاىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان، ئالجىرىيە خەلقىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق باستۇرغان. بەشىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۆلەت ئىشلىرى مىنىسىرى (1958 - 1959) بولغان. 1964-يىلدىن كېيىن، ئۇ ئۆزگىرىپ، قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇرغان.