Chinese→Uyghur主要词典
摩呵末
دۇنيا تارىخى
موھەممەد
(؟ - 1220) خارەزىمنىڭ ھۆكۈمرانى (1200 - 1220). 1204-يىلى، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گورخاننىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن گور خاندانلىقىنىڭ پارچىلانغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستاننى تارىۋالغان. 1210-يىلى تالاس دەرياسى ۋادىسىدا قارا خىتايلارنى يەڭگەن. غەربتە پارس قاتارلىق جايلارغا بېسىپ كىرىپ، بىر مەھەل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1218 - 1220-يىللىرى چىڭگىزخان قوشۇن تارتىپ ھۇجۇم قىلغاندا، مەغلۇپ بولۇپ قاچقان، كاسپىي دېڭىزىدىكى بىر كىچىك ئارالدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن.