Uyghur主要词典
مىنۇت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت بىرلىكى: 60 سېكۇنت.
مېنىڭ ھازىرقى بىر مىنۇتۇم ئۆتكەندە سانسىز مىنۇتلار تىرىشىش ئارقىسىدا قولغا كەلگەن. دۇنيادا ھازىرقىدىن ئوبدان مىنۇت يوق. تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدە يۈكسەك مەقسەت بولۇشى كېرەك.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ۋاقىت ھېسابىدا بىر سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى، بىر مىنۇت 60 سېكۇنتقا تەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
روسچە<لاتىنچە
بىر سائەتنىڭ ئاتمىشتىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ بولغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى؛ دەقىقە.
بەش مىنۇتتىن كېيىن ئايروپىلان يەرگە قوندى.
>مات< بىر گرادۇسنىڭ ئاتمىشتىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ بولغان ياي ياكى بۇلۇڭ ئۆلچەم بىرلىكى (ئادەتتە رەقەمنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ ئۈستۈنكى بۇلۇڭىغا قويۇلىدۇ). بەلگىسى >′<.
بۇ بۇلۇڭ 60°30′ ئىكەن.
>جۇغ< بىر گرادۇسنىڭ ئاتمىشتىن بر ئۈلۈشىگە تەڭ بولغان كەڭلىك ياكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى (بەلگىسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش).
كۆچمە. قىسقا مۇددەت؛ بىردەم، بىر ئاز.
بىر مىنۇت ساقلاڭ.
ئۇ بىر مىنۇتمۇ تۇرمىدى.