Uyghur主要词典
مىننەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىلغان ياخشىلىقنى پەش قىلىش:
ئەتاھەم تۇرفە ئىشتۇر تۇر فەراق بىل،
ئەگەر يوتقۇر ئانىڭ يانىدا مىننەت.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېھسان، ياردەم، ئىنئام، ياخشىلىق؛ ماختاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا قىلغان ياخشىلىقنى يۈزىگە سالماق.
خىزمەت قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ، مىننەت قىلدىڭ ھېچ قىلدىڭ. ھالال تاماقنىڭ دوقى يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەرگەن ياردىمىنى دام قىلماق، پېشانىسىگە قويماق.
ھىممەت، مۇرۇۋەت
ئوچۇق قوللۇق بىلەن كىشىلەرگە ياردەم بەرمەك.
ھىممەت قىل، مىننەت قىلما. ئەمگەكتىن قاچما، دوقتىن قاچ. سۆلەت تۆگىدە، ھىممەت قويدا. بېخىلنىڭ ئۆيىدە نان بار، ھىممەت يوق؛ ھورۇننىڭ تېنىدە جان بار، غەيرەت يوق. ھالال تاماقنىڭ دوقى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قىلغان ياخشىلىقىنى كۆز - كۆز قىلىش، داملاش، يۈزىگە سېلىش ياكى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش.
مىننەت قىلماق.
مېھنەتتىن قاچما، مىننەتتىن قاچ (ماقال).