Uyghur主要词典
مېنشېۋىك
دۇنيا تارىخى
يەنى ئاز سانلىقلار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ماركسىزم - لېنىنىزمغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان مەزھەپ بولۇپ، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ بىرى. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مارتوۋ قاتارلىق لېنىننىڭ <ئىسىكرا گېزىتى> تەرەپدارلىرىغا قارشى خىلمۇخىل ئاغمىچىلاردىن شەكىللەنگەن. سايلام جەريانىدا ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇلار لېنىننىڭ پارتىيە قۇرۇش پرىنسىپىغا قارشى چىقىپ، پارتىيىنى تەشكىلىي جەھەتتە مۇقىم بىر شەكلى بولمىغان نەرسە، دەپ قارىغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پرولېتارىياتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىغا ۋە ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيە رەھبەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك دىكتاتۇرىسىنى قۇرۇشقا قارشى چىققان؛ بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ سوتسىيالسىتىك ئىنقىلابقا ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرغان. ستولېپىن ئەكسىيەتچىلىكى مەزگىلىدە (1908 - 1912) لىكۋاىداتۇرچىلارغا ئايلىنىپ، پارتىيىنى ئەمەلدىن قادلۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان. 1912-يىلى روسىيە سوتسىيال دموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 6-قۇرۇلتىيىدا مېنشېۋېكلار پارتىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئۇلار سوتسىيال شوۋىنىزمغا ئايلىنىپ كېتىپ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللىغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېتكە خائىنلىق قىلىش ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قوللاش سىياسىتىنى قوللانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا پۈتۈنلەي ئەكسىلئىنقىلابچىلاردىن بولۇپ قالغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاقلار ئوفىتسېرلىرى ۋە چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلىچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق توپىلاڭ قوزغىغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
مېنشىۋىزم تەرەپدارى، مېنشېۋىزمنى ھىمايە قىلغۇچى كىشى.