Uyghur主要词典
مېندىزابال
دۇنيا تارىخى
(1790 - 1853) ئىسپانىيە باش ۋەزىرى (1835 - 1836) 1820-يىلى رېگو رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1820 - 1823-يىللاردا ئىسپانىيە ئىنقىلابى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئەنگلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1835-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى چوڭ كەچۈرۈم قىلىشنى جاكالرىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1834 - 1843-يىللاردا ئىسپانىيە ئىنقىلابىدا باش ۋەزىر بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تۇنجى ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە فېئوداللىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىش، چېركاۋنىڭ يەر - مۈلكىنى سېتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئوردىدىكى خۇشامەتگۇي ۋەزىرلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىزمەتتىن چېكىنگەن. 1843-يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1847-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان.