Uyghur←Chinese主要词典
مىنېرال مايدا ساقلاش
بىئولوگىيە
矿物油保藏法
kuàngwùyóubǎocángfǎ
ئۇرۇقلۇق مىكرو ئورگانىزمنى ساقلاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ئۆستۈرۈلگەن ماددا (مەسىلەن، ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ئۆستۈرۈلگەن يانتۇ يۈز) نىڭ يانتۇ يۈزىگە ئۈزۈل - كېسىل ستېرىلىزاتسىيىلەنگەن مىنېرال ماي (سۇيۇق پاراففىن) نى يېپىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىدا ساقلاش، مىنېرال ماينىڭ رولى ئاساسەن باكتېرىيىنى ئوكسىگېندىن ئايرىپ، ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەش، ھەمدە سۇنىڭ پارلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنىڭ قۇرغاقچىلىقىدىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشلىنىشى ئاددىي بولۇپ، كۆپلىگەن مىكرو ئورگانىزملارنى ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. ساقلاش ۋاقتى 1 - 2 يىلغىچە بولىدۇ. ساقلاش ۋاقتى 1 - 2 يىلغىچە بولىدۇ. يېتەرسىزلىكى شۇكى، بەزى مىكرو ئورگانىزملارغا ماس كەلمەيدۇ، ئاستىن - ئۈستۈن ئۆرۈشكە بولمايدىغانلىقتىن ساقلاش ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز.