Uyghur主要词典
مىنېرال ماددىلار بىلەن ئوزۇقلىنىش
领域: بىئولوگىيەئۆسۈملۈكلەرنىڭ مىنېرال ماددىلارنى سۈمۈرۈش، توشۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەريانى. ھازىرغىچە تېپىلغان 92 خىل تەبىئىي ئېلېمنېتتىن ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك تېنىدە كەم دېگەندە 60 - 70 خىلى بولىدۇ. 16 خىل ئېلېمېنت، يەنى كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت، فوسفور، كالىي، كالتسىي، ماگنىي، گۈڭگۈرت، تۆمۈر، بور، مانگان، مىس، سىنك، مولىدېن، خلور قاتارلىقلار ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتىدا زۆرۈر بولغان ئېلېمېنتلاردۇر. ئۆسۈملۈك بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مانگان، سىنك، بور، مىس، مولىدېن، خلور ۋە تۆمۈر ماددىلىرىنى ئىنتايىن ئاز مىقداردا تەلەپ قىلىدۇ، ئادەتتە ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج ppm 100 دىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا ئېلېمېنلار كۆپىنچە ppm 100 دىن يۇقىرى بولۇپ، ماكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار دەپ ئاتىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。