Chinese→Uyghur主要词典
米骚动
دۇنيا تارىخى
گۈرۈچ توپىلىڭى
ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خەلق قوزغىلىڭى. ئىككى قېىتم بولغان: (1) 1889 - 1890 - يىللىرى. قەھەتچىلىك يىلى گۈرۈچ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، 1899 - يىلى 10 - ئايدا تويوما ناھىيىسىنىڭ ئۆتسۇچى دېگەن يېرىدە گۈرۈچ بۇلاش قوزغىلىڭى پارتلىغان. قوزغىلاڭ تېزلىكتە نىگاتا، فۇكوئىي، ئىشكاۋا، توتتورى، ياماگۇچى، شىگا قاتارلىق ناھىيىلەر ۋە كيوتو ۋىلايىتىگە كېڭەيگەن. كېيىن باستۇرۋېتىلگەن. (2) 1918 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئاشلىق شۈلۈۋېلىشى ۋە مەككار سودىگەرلەرنىڭ بېسىمدارلىقى بىلەن ئاشلىق باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ بارغان. خەلق تۇرمۇشى يامانلىشىپ كەتكەن. 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، توياما ناھىيىسىنىڭ ئۆتسۇچى دېگەن يېرىدىكى بېلىقچى ئاياللار ئالدى بىلەن قوزغىلىپ، گۈرۈچ سودىگەرلىرىنىڭ گۈرۈچىنى سىرتقا يۆتكەپ باھانى قالايمىقان ئۆرلىتىشىگە قارشى كۈرەش قىلغان. ئارقىدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلىرىدە زور كۆلەملىك ئاممىۋى قوزغىلاڭ پارتلىغان. بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە كەمسىتىلگەن قەبىلە ئەزالىرى ئىدى. قوزغىلاڭچىلار گۈرۈچ سودا سارىيىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، مەككار سودىگەر ۋە بايلارنىڭ ئۆيلىرىگ ئوت قويغان. ساقچىلار بىلەن كەسكىن ئېلىشقان. بۇ قېىتمقى ھەرىكەت 53 كۈنى داۋاملىشىپ بىر ۋىلايەت، 2 مەھكىمە، 38 ناھىيىگە كېڭەيگەن. قاتناشقان ئادەم سانى نەچچە مىليون كىشىگە يەتكەن. كېيىن باستۇرۇلۇپ، تەخمىنەن 25 مىڭ كىشى قولغا ئېلىنغان. 7700 كىشى سوتقا تارتىلغان. 2600 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.