Chinese→Uyghur主要词典
米高扬
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǐ gāo yáng
مىكويان
دۇنيا تارىخى
مىكويان
(1895 - 1980) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى پرىزدىئومنىڭ رەئىسى (1964 - 1965). تبلىستا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چېركاۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1915-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. فېۋرال ئىنقىلابى، ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە كاپكازدا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1922 - 1924-يىللىرى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) شىمالىي كاپكاز چېگرا رايونلۇق كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋە شىمالىي كاپكاز ھەربىي رايونى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى بولغان. 1926 - 1930-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ۋە ئىچكى سودا خەلق كومىسسارى بولغان. 1930 - 1934-يىللىرى تەمىنات خگلق كومىسسارى بولغان. 1934 - 1938-يىللىرى ئوزۇق - تۈلۈك سانائىتى خەلق كومىسسارى بولغان. 1937-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1938-يىلىدىن باشلاپ تاشقى سودا خەلق كومىسسارلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيىسى ئاشلىق، ماددىي ئەشيا تەمىنلەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، سوۋېت ئىتىتپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ كومىسسارى بولغان. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن 1946 - 1955-يىللىرى سوۋېت ئىتىتپاق مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1955 - 1964-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1965 - 1974-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى پرىزدىئومنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (3192-يىلىدىن باشلاپ)، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى (1925 - 1952)، پرىزدىئومنىڭ ئەزاسى (1952 - 1966) بولغان.