Uyghur主要词典
مېڭىگە قان چۈشۈش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تېبابەت
مېڭە قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، قان تومۇر دىۋارىدىن قان چىقىپ كېتىپ مېڭە فۇنكىسىيىسىنى بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بىر خىل كېسەللىك، قان تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشى، قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قوزغىلىش ئالدىدا باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قوزغالغاندا بولسا شۇ ھامان ھوشىدىن كېتىدىغان، ئېغىر بولغاندا شۇ پەيتتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ.