Uyghur主要词典
مېگاستېن
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 350 - 280) قەدىمكى يۇنانلىق يازغۇچى، سېلېۋكنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى (مىلادىدىن 303 يىل ئىلگىرى) سېلېۋك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سېلېۋك Ⅰ ھىندىستاندىكى چاندىرا گۇپتا بىلەن سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن، سېلېۋك Ⅰ ئۇنى ھىندىستاندىكى توز (ماۋوريا) خاندانلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن (ئۇ مىلادىدىن تەخمىنەن 292 يىل ئىلگىرى ئەلچى بولۇپ تۇرغان). ھىندىستاننىڭ ئەينى زاماندىكى پايتەختى پاتالىپۇترا شەھىرى (ھازىرقى بىھار شتاتىنىڭ پاتنا دېگەن يېرى) ۋە باشقا جايلارنى ئايلىنىپ، كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى توپلاپ <ھىندىستان خاتىرىسى> (تۆت توم) نى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ھىندىستاننىڭ ئىجتىمائىي - سىياسىي، تاغ - دەريالىرى، ئىتنوگرافىيىسى قاتارلىقلارغا دائىر ئەھۋاللار قەيت قىلىنىپ، غەربنىڭ قەدىمكى ھىندىستاننى چۈشىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى يوقالغان بولۇپ، باشقا قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرى (سترابون، ئاررىئان، پلىنىئوس قاتارلىقلار) نىڭ كەلتۈرگەن نەقىللىرىدىن ئۇنىڭ پارچىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.