Uyghur主要词典
مەزمۇت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىداشلىق، ئۆزاققا تۆزىدىغان.
يەپ تۇر، بەك تۇر. ھەممىگە بېرىلمەي، بىرنى بەك تۇت. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان كىشى بىرەر ئىشنىمۇ پىششىق بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. مۇستەھكەن ئىرادە بولغاندا، ئۇلۇغ ھايات بولار. قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. ئۇلى مەھكەم بولسا، ئۆيمۇ مەھكەم بولىدۇ. ئۆزى پۇختىنىڭ ئۆستىڭى يۇقىرىغا ئاقار. ئوننى چالا بىلگەندىن بىرنى پۇختا بىلگەن ياخشى. خيالىڭ يۈكسەك نىيەتلىك بولسۇن، ئىشىڭ پۇختا ۋە مەزمۇت بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. پۇختا، چىڭ، مۇستەھكەن.
تومىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ مەزمۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
سۈپ.قاۋۇل، كۈچلۈك.
مەزمۇت گەۋدە. مەزمۇت ئادەم.
رەۋ.چىڭ، پۇختا، تەۋرەنمەي.
مەزمۇت قەدەم شلىماق.
سۈپ. ئىشەنچىلىك، راست.
شوپۇرنىڭ چىرايىدا بىر خىل ساددىلىق ھەمدە ئۆز گېپىنىڭ توغرا، مەزمۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىپادە بار ئىدى.