Uyghur主要词典
مەزمۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەزمۇن، مەنە:
كاپالەت، ۋەدە:
1.كۆڭۈلنى مۇھەببەت بىرلە ساف قىل،
كى مەزمۇن قۇلۇبىغە كەششاف قىل.
ئا. نىزارى.
2. دېدى بىر زەمان سەبر قىل، نابكار،
كى مەزمۇن بىلە ئەيلەيىن ۋەسفى يار.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر سۆز - نوتۇق، ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسى، ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسىنىڭ ماھىيىتى.
مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكى - ئەدەبىيات - سەنئەتكە بىزنىڭ فاڭجېنىمىز ۋە تەلىپىمىز. ماۋزۇدىن ئۆتۈپ، ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەپھۇمىدىن چۈشەنچە ئېلىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
گەپ - سۆز ياكى ئەسەر، ھۆججەت، خەت قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىسى.
ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى. ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى. مەزمۇنغا باي.
پەلسەپىدە بىرەر ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى بەلگىلىگۈچى ئاساس.
شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ بىرلىكى. شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ دىئالېكتىكىلىق بىرلىكى.