Uyghur主要词典
مەۋج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دولقۇن:
جىمىرلاش، جىلۋە:
1. كېلىپ چۈن قىراغە نەزەر ئەيلەدى،
كۆرۈپ مەۋجىن ئانداغ ھەزەر ئەيلەدى.
ئا. نىزارى.
2. سۇلەيمان ھەشمەت، دارا تەجەممۇل شاھى ئالەم سەن،
زىھنى شەمشېر ئەدلىڭ مەۋجىنى ئابى رەۋان ئەيلەر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دولقۇن، كۆتۈرۈلمەك: مەۋج - مەۋج - تۈركۈم - تۈركۈم، توپ - توپ؛ مەۋج ۋەر - مەۋج ئۇرغۇچى، تولۇقلانغۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېڭىز - ئوكيان، كۆل - دەريالاردا كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىپ تۇرغان سۇ يۈزى.
«چايقاق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھەقىقەت ئوت ئىچىدە كۆيمەس، دولقۇندىمۇ غەرق بولماس. دولقۇنى يوق دېڭىز بولماس. سايرام كۆلى مەۋج ئۇرغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئۆركەش يېرىپ ئۈزگەندىلا، سۇنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۇ يۈزىنىڭ جىمىر - جىمىر قىلغان ھەرىكىتى.
دولقۇن؛ كۆتۈرۈلۈش؛ چايقىلىش.
ئۆستەڭ ئۆز قىنىدىن چىقىپ ۋاقىتلىق يانداش ئۆستەڭ بىلەن ئەگىپ ئۆتۈپ غەرپكە قاراپ مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا ئىدى.
شۇندىن بۇيان قەلبىمدە شادلىق، سۆيۈنۈش تۇيغۇسى مەۋج ئۇرماقتا ئىدى.