Uyghur主要词典
مەۋالى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەۋلا نىڭ كۆپلۈكى - دوستلار، ئىگىلەر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «قوغدالغان پۇقرا» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەرەب قان سىستېمىسىدىن بولمىغان مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.Ⅷ - Ⅶ ئەسىرلەردە ئەرەبلەر چەت ئەللەرگە كېڭەيدى. بويسۇندۇرۇلغان جايلاردىكى كىشىلەر جىزيە ( جان بېجى) تۆلەش ۋە باشقا چەكىلىمىلەرگە ئۇچراشتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ، مەلۇم ئەرەب ھۆكۈمرانىغا بېقىندى ۋە ئۇنىڭ قوغدىشىدا بولدى. شۇڭا ئۇلار «مەۋالىلەر» (قوغدالغۇچىلار) دەپ ئاتالدى. ئۇلار نەچچە ئەۋادتىن كېيىن ئەرەبلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.