Uyghur主要词典
مەقام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئورۇن، جاي، ماكان:
دەرىجە، مەرتىۋە:
يۇقىرى پەللە؛ يول:
1. چۇ تەختىمدە ئولتۇرسە قايىم مەقام،
ئىتائەت ئاڭا قىلسەلەر خاسۇ ئام.
ئا. نىزارى.
2. دۇئا قىلدى ئول پىر ئالى مەقام،
تىرىلدىيۇ باغ سارى قىلدى خىرام.
ئا. نىزارى.
3. تەفەككۇر مەقامىدا قىل سەر بەلەند،
تەخەييۇل دىيارىدا قىل ئەرجۈمەند.
ئا. نىزارى.
مۇزىكا ئەسرىگە ئاساس بولىدىغان تەدرىجىي ئەۋجىگە چىقىدىغان ياكى پەسىيىدىغان كۈي، ئاھاڭلار قاتارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئورۇن، تۇرغان يەر، ماكان؛ ئىدارە، ئورگان؛ مەنزىل؛ دەرىجە، مەنسەپ، ئۇنۋان؛ مۇقام، كۈي، ئاھاڭ، جىر؛ مەقام سەلتەنەت - خانلىق ئورنى؛ مەقام ئەتمەك - بىر جايدا تۇرۇپ قالماق، ياشىماق؛ مەقام تاپماق - ئورناشماق؛ مەقام نەۋھە - ماتەم كۈيى، يىغا كۈيى؛ مەقام خىلۋەت - خىلۋەت جاي، بىكىنىلىدىغان جاي.