Uyghur主要词典
مەقالەت ئەل ئىسلامىيىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەسەرنى ئەبۇل ھەسەن ئەل بىننى ئىسمائىل ئەشئەرى يازغان. مەزمۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: (1) ئىسلام دىنىدىك 10 مەزھەپ (مەسىلەن، شىئە مەزھىپى، خاۋارىجلار، مۇرجىئە، مۇئتەزىلىيە قاتارلىقلار) ۋە ئۇلارنىڭ تالاش - تارتىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. (2) ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئەقىدىسى بايان قىلىنىدۇ. (3) <كالام> دىن ئىبارەت بۇ ئوقۇمغا بولغان ئوخشاشمىغان قاراشلار بايان قىلىنىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ئەسەرلىرى ئىچىدە بىۋاسىتە توپلىغان ماتېرىياللار ھەممىدىن بۇرۇن تەتبىق قىلىنغان، مەزھەپلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ئىلمىي كالامچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە، مەسىلەن، باغدادنىڭ <مۇسۇلمانلاردىكى مەزھەپلەر ۋە دىن>، شاھراستاننىڭ <ئەقىدە ۋە مەزھەپ> (<مەزھەپلەر توغرىسىدا>)، ئىبنى ھەزمنىڭ <مەزھەپ ۋە بىدئەتلىكنى تەنقىد قىلىش توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇشۇ كىتابتا بايان قىلىنغان كۆز قاراشلار داۋاملاشتۇرۇلدى. بۇ كىتاب 1929 - يىلى ئىستامبولدا رەسمىي نەشر قىلىندى.