مەلىكەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئايال پادىشاھ:[مىسال:] مەلىكە بوۋايغا نۇرغۇن ئىنئام بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② پادىشاھنىڭ ئايالى؛ خانىش:[مىسال:] پادىشاھ ۋەزىرىنى مەلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىدىغان لەشكەرلەرگە باش قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ.[يەشمىسى:] ③ پادىشاھنىڭ قىزى:[مىسال:] مەلىكە توي قىلىپ ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.