Uyghur主要词典
مەلىكە
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئىشقا پىشقان.
مەلىكىلىك ئىشچى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايال پادىشاھ؛ پادىشاھنىڭ خوتۇنى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پادىشاھ خوتۇن، خوتۇن ھۆكۈمدار ياكى پادىشاھنىڭ خوتۇنى، خاتۇن، خانىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە خىزمەت قىلىدىغان نەرسە، مەشغۇلات.
نەي _ پادىچىنىڭ ئەرمىكى. بالا مەلىكە قىلىشقا ئەپلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پادىشاھنىڭ قىزى؛ پادىشاھنىڭ ئايال قېرىنداشلىرى.
<قۇڭجۇ> خەنزۇچە: 公主
تاڭ سۇزۇڭ 758 - يىلى ئۆز قىزى مەلىكە نىڭگونى ئۇيغۇر قاغانى بايانچۇرغا ياتلىق قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كونا. ئايال پادىشاھ.
مەلىكە بوۋايغا نۇرغۇن ئىنئام بېرىپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئايالى؛ خانىش.
پادىشاھ ۋەزىرىنى مەلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىدىغان لەشكەرلەرگە باش قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ.
پادىشاھنىڭ قىزى.
مەلىكە توي قىلىپ ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بىرەر كەسىپنى، ئىشنى ياخشى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ماھارەت.
سۈپ. مەشغۇل؛ بەند.
ئىككى دوست ھەرخىل ئويۇن - تاماشالارغا مەلىكە بولۇپ مېڭىۋېرىپ، شەھەرنىڭ بىر چېتىگە چىقىپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەلىكەم، مەلكىخان
ئايال پادىشاھ ياكى پادىشاھىنىڭ ئايالى ۋە قىزى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
مەلىكە، پادىشاھنىڭ ئەۋلادىغا مەنسۇپ قىز، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئايال.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئايال پادىشاھ، خان - پادىشاھلارنىڭ خوتۇن - قىزلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى، قۇڭجۇ.