Uyghur主要词典
مەككىنى فەتھى قىلىش ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمانلار بىلەن مەككىلەرنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇرۇشى. مەككە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بەكر قەبىلىسى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان خۇزا قەبىلىسىگە 630 - يىلى 1 - ئايدا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. مەككىلىكلەرمۇ بۇ ئىشقا قاتنىشىپ، ھۇدەيبىيە سۈلھىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، سۈلىھ كۈچىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قوشۇن باشلاپ مەككىگە ھۇجۇم قىلدى. ئابباس قاتارلىق مەككىلىكلەر كېلىپ تەسلىم بولدى. ئەبۇ سۇفيان قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر قارارگاھقا بېرىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. مۇسۇلمانلار قوشۇنى تۆت يولغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش قىلدى. جەنۇبىي يولدىكى قوشۇن ئازراق قارشىلىققا ئۇچرىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قوشۇن قان تۆكمەي مەككىنى فەتھى قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋەتىپ كەبىدىكى بۇتلارنى چاقتۇرۇۋەتتى ھەمدە كىشىلەرگە ساقلاپ قويغان بۇتلارنى تاپشۇرۇق بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى. گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولمايدىغان بىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن باشقا، قالغان ئادەملەرنىڭ ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۈرمىدى. ئاخىر مەككە مۇشرىكلىكنىڭ مەركىزىدىن ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار ئۇممەسىنىڭ ھىجاز (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىسى ئىچىدە) دىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەندى.