Uyghur主要词典
مەككە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى، بەيتۇللار ئورۇنلاشقان ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى:
ھەم شەرىفى مەككە بولدى بېقەرار.
تاغ ئۈستىندە تۇرۇپ ئۇشتۇر سۇۋار.
زەلىلى.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى سىرات تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم دىنىي شەھەر، يەر مەيدانى 26 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 559 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، مەككە قەدىمدە بىرنەچچە قېتىم ۋەيران بولۇپ قايتا قۇرۇلغان. ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەت پەيغەمبەر 570 - يىلى مەككىدە تۇغۇلغان. 610 - يىلى مۇھەممەت پەيغەمبەر ئىسلام دىنىنى مۇشۇ جايدا ياراتقان. كېيىن بۇ شەھەر تەرەققىي قىلىپ ھەم كېڭىيىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاتاقلىق دىنىي شەھىرى، مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان. 1925 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان تەركىبىگە قوشۇلغان. ھازىر بۇ شەھەرنى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى باشقۇرىدۇ. مەككە شەھىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سانائەت، مەدەنىي - مائارىپ، سەھىيە، قاتناش - ترانسىپورت قاتارلىق جەھەتلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلگەن. چەت ئەللەردىن يىلىغا ھەج قىلىشقا كېلىدىغانلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن. بۇ شەھەردە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دىنىي ئورۇنلىرى، مۇھىم تارىخىي جايلار، كونىشەھەر خارابىلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئەۋلىيا مەسچىتى (مۇقەددەس مەسچىت) ھەم ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان <كاباھ> ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇلاردىەن باشقا ئالىي مەكتەپ، زامانىۋى مېھمانخانىلار، سودا رايونى، يېمەك - ئىچمەك زاۋۇتلىرى بار. شەھەر رايونىدا ئاپارات، شىدا، ساۋور قاتارلىق تاغلار بىلەن مىنا كەنتى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ بار. مۇقەددەس مەسچىتنىڭ كۆلىمى 180 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشى بەك ھەيۋەتلىك، يىلىغا ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنىپ ئاقارتىلىدۇ. بۇ جايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلار ئىسلام دىنىنىڭ ئادىتى بويىچە دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھىجاز چېگرىسى ئىچىدە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن ۋە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن جاي. ئورنى ئافرىقا، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن شەرق تۇتاشقان جايدا بولۇپ، سودا قاتنىشىنىڭ تەبىئىي مەركىزى بولغان مەككىنىڭ ئەسلىي نامى «مەككە» بولۇپ، تارچۇق، يەنى تاغلار ئارىسىدىكى تار يول دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. «قۇرئان كەرىم» دە بۇ يەر «قاقاس جىلغا» دېيىلگەن. «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان «ئۇلار قىشلىق ۋە تازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىرى ئۈچۈن» (102 - سۈرىنىڭ 2 - ئايىتى) نەچچە ئون مىڭلىغان تۆگىلەردىن تەركىب تاپقان كەڭ كۆلەمدىكى خۇشبۇي بويۇملار سودا كارۋانلىرى ئۆتەتتى. ئاھالىلارنىڭ كۆپىنچىسى سودىگەرچىلىك قىلاتتى ياكى مۇشۇ يەردە جاھاندارچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ باي بولاتتى. شەھەر ئىچىدە «زەمزەم بۇلىقى» ۋە «كەبە» قاتارلىقلار بولۇپ، ئەسلىي ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇشرىكلار چوقۇنىدىغان ۋە تاۋاپ قىلىدىغان مەركەز ئىدى. 610 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالان ھىرا غارىدا تۇنجى قرتىم ۋەھىينى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىسلام دىنىنى تەرغىب قىلدى، 622 - يىلى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، ئەبۇ بەكرى بىلەن غارنىڭ يېنىغا مۆكۈنۈۋالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 يىلى مەككىنى پەتھى قىلىپ، مۇشرىكلارنىڭ كەبىدىكى بۇدلىرىنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنى مەسچىتى ھەمراھ قىلدى. بۇ يەر ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىدىغان مەركىزى قىلىندى. شەھەر ئىچىدە يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن باشقا جانلىقلارنى تۇتۇش - ئۆلتۈرۈش ھارام قىلىندى. مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ بۇ شەھەرگە كىرىشى مەنئى قىلىندى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەكىخان
شەھەر ئىسمى (بۇ يەردە مەككە شەھىرى ئۇلۇغلانغان)