Uyghur主要词典
مەيلى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈك. جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، رازى بولۇش؛ ئىختىيارىغا قويۇش، پەرۋا قىلماسلىق؛ تەۋەككۈل قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
- مەيلى، خاپا بولساڭ بولىۋەر،- دېدى دىلدار ماڭا سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن يەنە قوشۇمچە قىلىپ.
يۈك. پەرەز بېقىندى جۈملىلەردىن كېيىن كېلىپ، ئۇنى توسقۇنسىز قارشىلىق بېقىندى جۈملىگە ئايلاندۇرىدۇ.
- ئۇ كەلمىسە مەيلى، يىغىننى ئېچىۋېرەيلى.
باغل. بۇيرۇق، تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنى يەنە بىر خىل توسقۇنسىز قارشىلىق بېقىندى جۈملىگە ئايلاندۇرىدۇ.
ۋەكىللەر مەيلى نەگە بارمىسۇن، قىزغىن قارشى ئېلىندى.