Uyghur主要词典
مەيل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خاھىش، ھەۋەس، مەيل:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەۋەس، تىلەك، ئارزۇ، بېرىلىش، ئېغىش؛ تۈز تۇرماي، بىر ياققا يانداپ تۇرۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل خالىغانلىق تۇيغۇسى.
بالىنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بەرسەڭ، ئاخىر ئوچىقىڭنى ئۆرەر. مەيلىڭ بولسا مەيخانا، چىلىم بولسا سەيخانا. قانۇن ھامان شاھنىڭ رايىغا باقار. خەلقنىڭ رايى _ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى. بۇ ئىشقا ھېچ رايىم يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە كۆڭۈل بېرىش، خالاش تۇيغۇسى.
ياماننى ئىختىيارىغا قويساڭ، بۆككە چىچار. قۇلاقنى نەدىن چىقىرىش قازانچىنىڭ ئىختىيارى. ئېشەك ئۆزۈمنىڭ، ئىككى قۇلىقىنى تاقىلىساممۇ ئۆز ئەركىم. ئۇ مەلىدىن بۇ مەلىگە ئويناي دەپ كەلدىم، مەيلى بارمۇ، مەيلى يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم. ۋاقىت خاھىشىڭغا كۆنمىسە، سەن ۋاقىتنىڭ خاھىشىغا كۆن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسە ياكى ئىشقا بولغان ئىشتىياق، قىزىقىش، ئىنتىلىش؛ ھەۋەس.
- ئۇسسۇلۇققا مەيلىڭىز بولسا مەيەرگە كېلىڭ، - دەپ چاقىردى رەيھان مېنى يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
رىغبەت، ئىختىيارى؛ راي.
چىرايىدىن ئۇنىڭ مېنىڭ بىلەن داۋاملىق پاراڭلىشىشقا مەيلى بارلىقى بىلىنەتتى.
كۆڭۈلنىڭ مايىللىقى، رايى، خاھىشى؛ ئىشق، ھەۋەس.
تۆمۈر خەلپە بۇ ئىككەيلەننى چېتىپ قويۇش خىيالىغا كېلىپ، ھۆسنارخاننىڭ مەيلىنى بىلىپ بېقىشنى روزىخانغا تاپشۇرغانىدى.