Uyghur主要词典
مەھرەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىرداش، ئۈلپەت، ھەمدەم:
خاس خىزمەتچى، ئىچكى خىزمەتچى:
1. كۆڭۈل قايسى، خەيالىم قايسىدۇر ھەم،
ئېرۇر سۆزلەتكۈچى سورىغە مەھرەم.
ناقىس.
2. ئەي زەلىلى مەھرەم ئولدۇڭ ئىچكەرى،
مۇددەئىنى تاش كۆرۈپ خو چاقىشىڭ.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىن، سىرداش؛ قانداشلىقى يېقىن، ئۆز، ئۆز كىشىسى، ئۈلپەت، دوست؛ تۇققان، قاياش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارس. پادىشاھنىڭ ئوردا، سارايلىرىدا ھەم ئەمەلدارلارنىڭ يېنىدا ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلىدىغان خىزمەتكار.
پادىشاھ ئادىلنىڭ بىر خاس مەھرىمى بار ئىدى.
كونا. مۇھاپىزەت خادىمى.
قاسىم فۇگۇەن يولۋاسنىڭ خاس مەھرەملىرىدىن بولۇپ، خەنزۇ تىلىنى خېلى ئوبدان بىلەتتى.
كونا. ئەر ياكى خوتۇننىڭ شەرىئەت بويىچە بىر - بىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن بولغان، ئەمما نىكاھ راۋا بولمايدىغان قېرىندىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەرەم، مەرەمخان، مەرىخان
خاس كىشى، سىرداش، ئۇلپەت، يېقىن