Uyghur主要词典
مەھدۇم ئەزەم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇخارالىق ئىشان. نەقىشبەندىيەنىڭ 5 - ئەۋلاد خەلىپىسى. <تەزكىرەئى خۇجىگان> دا بايان قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 21 - ئەۋلادىمىش. 1533 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قەشقەرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشانلىق ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلىپ، مۇخلىس قوبۇل قىلدى. يەكەن خانلىقىدىكى ئابدۇرەشىد خاننىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغانلىقتىن ئۇنىڭ كۈچى تېز تەرەققىي قىلدى. يەتتە بالىلىق بولدى. چوڭ ئوغلى مەھمۇد ئىمىن ئاق تاغلىقلارنى بەرپا قىلدى؛ 7 - ئوغلى ئىسھاق قارا تاغلىقلارنى بەرپا قىلدى. مەھدۇم ئەزەم 1542 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. سەمەرقەنتنىڭ يېنىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىندى.