Uyghur主要词典
مەھەللە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرار جاي، كوچا، مەھەللە.
قەبىلە قىراغىغە يەتتى يەقىن،
مەھەللە نەۋاھىدا تۇتتى كەمىن.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەھەر ئىچىدىكى رايون، شەھەر رايونى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسەن دېھقانلار، چارۋىچىلار، ئورناشقان جايلار، شەھەرگە نىسبەتەن، ئاساسەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىنىدىغان جايلار.
<يېزا> مەملىكىتىمىزدە بىر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورنى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرغان يەر.
<كەنت>، <مەھەللە> يېزا ئاستىدىكى مۇختارىيات
يېزىلاردا بىۋاسىتە سايلام يۈگۈزۈلىدۇ. كەنت مەمۇرىي كەنت تەبىئىي كەنت، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مەھەللەڭ تىنچ بولسا، <ئامان مەن> دە. ياخشى ئايغىر ئۇيۇرىنى بۆرىگە ئالدۇرماس، ياخشى يىگىت ئاۋۇلىنى ئوغرىغا ئالدۇرماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
شەھەر ياكى يېزىلارنىڭ بىرنەچچە كوچىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىر بۆلىكى.
مەھەللە كومىتېتى. مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ئورنى.