مەھەللىدارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەھەللىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن باغلىق بولغان تۇرمۇشى، بىللە ئۆتۈشى:[مىسال:] يۇرت-مەھەللىدە بولىدىغان نەزىر، زاراخەتمە، توي-تۆكۈن ۋە ئويۇن-تاماشا قاتارلىق مەھەللىدارچىلىق ئىشلىرىنى بىر-بىرىگە پۇت-قول بولۇشۇپ، بىللە ئۆتكۈزىدىكەن.