Uyghur主要词典
مەغرۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غۇرۇرى بار، مەغرۇر:
دىلرەبالەر قەسىدىن ئەيلەپ بولماغىل مەغرۇركىم،
شاھىدى دەۋاران ساڭا گەر كۆرسە تۇربادى بۇرۇت.
ئەرشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، خورىكى يوغان.
كىچىك پېئىل، كەمتەر
ئۆزىنى كىچىك تۇتىدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان.
كىچىك پېئىل بولساڭ كىچىكلەپ كەتمەيسەن. كەمتەر بولساڭ ئۇزارسەن، مەغرۇر بولساڭ غۇلارسەن. تەكەببۇر يالجىماس، يالىڭاچ ئىسسىماس. ھاكاۋۇر ھاڭۋاقتى كېلىدۇ. گەدەنكەش ئاخىر گەدىنىنى قاشلاپ قالىدۇ. مەنمەنچىنى مەنسىتمىسەڭ، تۈزۈلۈپ قالىدۇ. يوغانچىنى يوناپ تۇر. چوڭچى چويلىدا توختىمايدىغان گەپكە ئۇستا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئۆزىنى ئەركىن، ئۈستۈن تۇتىدىغان، روھىي كەيپىياتى ئۈستۈن، غۇرۇرى بار؛ كىبىرلىك، تەكەببۇر.
مەغرۇر ئادەم. مەغرۇر يىگىت. مەغرۇر قىياپەت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەغرۇرلۇق؛ غۇرۇرلۇق