Uyghur主要词典
مەغرىپ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن پاتىدىغان تەرەپ. غەرب ئەللىرى، غەرب مەدەنىيىتى، يىراق شەرق.
شەرق (كۈنچىقىش)، (مەشرىق)
كۈن چىقىدىغان تەرەپ. شەرق ئەللىرى، شەرق مەدەنىيىتى، يېقىن شەرق.
شەرق شامىلى بېسىپ چۈشمىسە، غەرب شامىلى بېسىپ چۈشىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(ئەرەبچە Maghrib نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، مەنىسى <كۈن ئولتۇرىدىغان تەرەپ>، <غەرب> دېگەنلىك بولۇپ، مەشرىقمەشرىق <كۈن چىقىدىغان تەرەپ>، <شەرق> قە قارىمۇ قارشى. مىلادى 7 - ئەسىردىن 8 - ئەسىرگىچە ئەرەبلەر غەربكە يۈرۈش قىلىپ تاكى ئۇلۇغ ئوكياندىكى شىمالىي ئافرىقا رايونىغىچە ئىستېلا قىلىپ ھەمدە دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان. ئەرەب يازغۇچىلىرى مىسىرنىڭ غەربىدىكى شىمالىي ئافرىقا رايونىنى مەغرىپ ئاتىغان، مەغرىپ بىر مەھەل ئاندا لۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىن مەخسۇس ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنىستىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنى كۆرسىتىدىغان بولغان.