Uyghur主要词典
مەدھىيلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىل بىلەن تەرىپلىمەك.
<مەدھىيلىمەك>، <مەدھىيە ئوقۇماق> ئىجابىي مەنىدە، ئۇلۇغ ئادەم ۋە ئۇلۇغ نەرسىگە خاس.
<كۆككە ئۇچۇرماق> سەلبىي مەنىدە.
ماختىغان قىز تويىدا چىچار. ماختىغان قىز مالخايغا چىقىرىپتۇ. خېرىدار تاللايدۇ، سودىگەر داڭلايدۇ. سەن ئۆزۈڭنى داڭلىما، كىشىلەر سىنى داڭلىسۇن. داملىغىلى يات يەر ياخشى. مەدھىيلىسەڭ ئۇلۇغنى مەدھىيلە، چاكىنىنى مەدھىيلەپ، چاكىنا بولما. شەخسكە مەھىيە ئوقۇماق - شەخسكە چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارمىغاي. ماختاپ كۆككە ئۇچۇرساڭمۇ نادان ئۆز قەدىرىنى بىلمەس. دانا دۈشمەن ئۇچرار كۆككە ھامانى، يەرگە ئۇرار دوست بولسا نادان.