Uyghur主要词典
مەدەت بەرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەرتپىنى ئالماق. مەنىۋى ئىلھام ياكى ماددىي ياردەم بەرمەك.
پۇلى بارنى قوللايدۇ، پۇلى يوقنى قوغلايدۇ. مەن بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمىز. ئاجىزلارنىڭ ئىشىغا مەدەت بېرىش - ياخشى ئەخلاق. دەردى بارغان دەم بەر. قىيامەت كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىگە شاپائەت قىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددىي جەھەتتىن، مەنىۋى جەھەتتىن يار - يۆلەك بولماق.
ياردەم كۈتسەڭ، ياردەملەش. ئۆزئارا ياردەملەشمەك ئەر - خوتۇننىڭ ئوبدان ئۆتۈشىنىڭ ئەڭگۈشتىرى. بىلمىگەنگە بولۇشما. بولۇشساڭ جانغا بولۇش. ئالدىراپ قالغانغا قاراش. قاراشقانغا مىننەت قىلما. كۈچسىزلەرگە مەدەت بەر. دوستۇڭ تەس كۈنگە قالغاندا ياردەم قولۇڭنى سۇن. سەن چوڭ بولدۇڭ، ئەمدى ئاتا - ئاناڭنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بول.